فىرانسىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئېمبارگولارنى بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئىۋ درىيان ئەرەب دۆلەتلىرىنى قاتارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە خەلققە زىيان سېلىۋاتقان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

771865
فىرانسىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئېمبارگولارنى بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئىۋ درىيان ھەپتە ئاخىرىدا قاتارنى زىيارەت قىلدى. ئۇ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ: «فىرانسىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنى خەلققە، بولۇپمۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولۇپ، ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرگە زىيان سالغان ئېمبارگولارنى بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى چاقىرىق قىلىدۇ» دېدى.

ژان ئىۋ درىيان فىرانسىيەنىڭ بارلىق قاتلاملارغا دىيالوگ ۋە ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىش تەشەببۇسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، كۇۋەيتنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پارىژ، كىرىزىسنىڭ بېشىدىن تارتىپ بارلىق قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ مۇھىتىنى قوغداشقا تىرىشتى. قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارس قولتۇقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىدى.»

ئۆتكەن ھەپتە رايوننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونمۇ ئەنگلىيە بىلەن كۇۋەيتنىڭ تاشقى ئىشلار رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، قاتار كىرىزىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

قاتار كىرىزىسى 5-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىلىرىنى دۆلىتىگە چاقىرىشى، شۇنداقلا قاتارغا ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى تاقىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.

قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن تۆت دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن دوھا ھۆكۈمىتىگە، «تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىشى، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى ۋە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنى تاقىشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ماددىلىق تەلەپنى سۇنغان ئىدى. دوھا ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر