پۇتىن بىلەن ترامپ گېرمانىيەدە كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھامبورگ شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.

761884
پۇتىن بىلەن ترامپ گېرمانىيەدە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لېيتېنانت گېنېرال ماكماستېر، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ 7-، 8 – ئىيۇل كۈنلىرى ھامبورگدا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ماكماستېر، ترامپنىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇئەييەن بىر مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى، پۈتۈنلەي ئۆز ئىستىكى بويىچە سۆز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ماكماستېر، رۇسىيەنىڭ (8- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن) ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا دەتالاشلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىپ – كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەرمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دونالد ترامپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا يەنە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىكې پېنا نىئېتو بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر