فىرانسىيە رىۋاندا «جاللاتلىرى»نى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

فىرانسىيە رىۋاندادا 23 يىل ئىلگىرى ئىرقىي قىرغىنچلىق سادىر قىلغۇچىلارنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

760538
فىرانسىيە رىۋاندا  «جاللاتلىرى»نى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق «جاللاتلىرى»نى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەمەلدار رىۋاندا قىرغىنچىلىق ۋەقەسى توغرۇلۇق ئېلىيسې سارىيى مۇداپىئە سىرلىرى سۈپىتىدە ئارخىپلانغان ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

Europe 1ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، رىۋاندادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەنلىكىگە 23 يىل بولغان بولسىمۇ، يېڭى مەلۇماتلار فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ ئەمەلدار كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتلەر فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ قايتىدىن قوراللىنىش بۇيرۇقىنى بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ژۇرنالغا مەنبە قىلىنغان Europe 1بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن، سابىق پىرېزىدېنت فىرانسۇا ئولاند 2015-يىلى ئاپرېلدا ئاشكارىلاماقچى بولغان بۇ ھۆججەتلەرنى رەتلەش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بۇ ئەمەلدار « Turquoise »ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن 1994-يىلى ئىيۇندا رايونغا ئەۋەتىلگەن فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ۋە  ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ قايتىدىن قوراللىنىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر