ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى <تېررورىست> دېيەلمىدى

لونوندا بىر تېررورىست ئاپتوموبىلى بىلەن جامەدىن چىققانلارنى باستۇردى. ئىلگىرى «ئىسلامچى تېررورىست» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىدىغان ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى «مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن زوراۋاننى بولسا «تېررورىست» دېيەلمدى.

756503
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى <تېررورىست> دېيەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى زوراۋان ئۈچۈن «ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىللىق گۇماندار» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتتى. Harry Potter ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ج.ك. روۋلىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

روۋلىڭ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹ Daily Mail › گېزىتى» نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدىكى ماۋزۇ ئۈچۈن « Daily Mail تېررورىست» نىڭ ئورنىغا خاتا ھالدا «ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىللىق شوپۇر» دېدى. «قېنى ئەمدى زوراۋاننىڭ قانداق رادىكاللاشقانلىقى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارايلى» ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى. باشقىلار نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، « Daily Mail » ئۆزگەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر