قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەسسانى تۈركىيە توغرىسىدا بايانات بەردى.

753111
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەسسانى، بەزى ئەرەب ئەللىرى تەرىپىدىن دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلگەن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگوغا قارشى قاتار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسسانى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، 10 كۈن ئىلگىرى قاتارغا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان ئېمبارگو توغرىسىدا «بىزگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا قارشى تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ يېنىمىزدا ئورۇن ئالغان ئادىل پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

قاتاردا زىيارەتتە بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەسسانى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پارس قولتۇقى ئەللىرىدىكى كىرىزىسقا ئالاقىدار دىپلوماتىك زىيارەتلىرى دائىرىسىدە قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كۇۋەيت تەرەپكە ئۆتكەن ۋە كۇۋەيت زىيارىتىدىن كېيىن مەككىگە بېرىپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، مىسىر ۋە يەمەن 5 – ئىيۇندا «قاتارنى تېررورىزمنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ»، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى جاكارلىغانىدى.

دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قاتارغا تاقىۋەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين قاتارلىق دىپلوماتلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ھەتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارنىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇقتىكى چېگراسىنىمۇ تاقىۋەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قارارلارنى يولغا قويۇپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋى قاتارلىق 59 كىشى ۋە 12 خەير – ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ «تېررور بىلەن چېتىشلىق» ى بارلىقىنى ۋە بۇلارنى قاتارنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «تېررورلۇق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر