قاتار بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، قاتار ئەمىرلىكى دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىشى پىلانلانغان ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قاتارغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
753361
![قاتار بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/84a2/8f39/79d1/594236a52509f.jpg?time=1718876607)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قاتار بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ؛ قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، قاتار ئەمىرلىكى دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىشى پىلانلانغان ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قاتارنىڭ ھەمەد خەلقئارا پورتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، مانېۋىرنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى ۋە دائىرىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.
مەزكۇر مانېۋىر، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا بۇنىڭدىن 10 كۈنچە ئىلگىرى باش كۆتۈرگەن كىرىزىستىن بۇيانقى تۇنجى بىرلەشمە مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.