دائېشنىڭ مۇسۇلدىكى ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنىڭ پەقەت تۆتلا مەھەللىسىگە قاپسىلىپ قالغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كۈتۈلمىگەن شەكىلدە ۋەقە سادىر قىلدى.
![دائېشنىڭ مۇسۇلدىكى ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ac1d/9950/782b/593cf4f33b6e1.jpg?time=1718506720)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنىڭ پەقەت تۆتلا مەھەللىسىگە قاپسىلىپ قالغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كۈتۈلمىگەن شەكىلدە ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 30 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھۇجۇمنى سادىر قىلغان كۆپ ساندا دائېشچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
مۇسۇلنى دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى 2016 – يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان بولۇپ، 2017 – يىلى يانۋار ئېيىدا شەھەرنىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلەر قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.
فېۋرال ئېيىدا باشلانغان مۇسۇلنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان دىجلە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مەھەللىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى بولسا، ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
مۇسۇلنىڭ پەقەت تۆتلا مەھەللىگە قاپسىلىپ قالغان دائېشنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718506721)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.