پۇتىن: ئامېرىكا رۇسىيە – ئوتتۇرىسىدا سىياسىي دىيالوگ ئورنىتىلىشى مۇمكىن

پىرېزىدېنت پۇتىن ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سىياسىي دىيالوگ ئورنىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

744766
پۇتىن: ئامېرىكا رۇسىيە – ئوتتۇرىسىدا سىياسىي دىيالوگ ئورنىتىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيەنىڭ ساينت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، ئامېرىكىلىق كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كارخانىچىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياج بارلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دىيالوگ ئورناتقىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكرار دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن كارخانىچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن تەكرار دىيالوگ ئورنىتىشىمىز ئۈچۈن ياردەمچى بولۇڭلار، بۇ ھەقتە يېڭى پىرېزىدېنتتىڭلارغا ۋە ھۆكۈمىتىڭلارغا ياردەمچى بولۇشڭلارغا تىلەكداشمەن.»

رۇسىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ،  سىياسەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سۈركىلىش مەزگىلىدە سۇغۇرتا ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر