خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىرانسىيەنى دۆلەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەت تۈزۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

742885
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، فىرانسۇز ئەمەلدارلارنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، فىرانسىيەدە ماي ئېيىغىچە ئاممىۋىي ساھەلەردىكى 155 نامايىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى، 574 كىشىنىڭ دەتالاشلىق ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ئەمەلدارى ماركو پېرولىنى، «فىرانسىيە، خەلقىنى تېررورلۇق تەھدىتلىرىدىن قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلغان جىددىي ھالەت قانۇنلىرىدىن تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇشتا پايدىلانماقتا» دېدى.

2015 – يىلى 13 – نويابىردا پارىژدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن ئېلان قىلغان فىرانسىيەدىكى جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ مۇددىتى ئارقا – ئارقىدىن ئۇزارتىلغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ئۆتكەن ھەپتە بايانات بېرىپ، جىددىي ھالەت مۇددىتىنىڭ 1 – نويابىرغىچە يەنە 3 ئاي ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

جىددىي ھالەت قانۇنلىرى، رەسمىي دائىرىلەرنى جەمئىيەت تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كوللېكتىپ نامايىشلارنى چەكلەش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر