فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار يېڭى پىرېزىدېنتنى تەبرىكلىدى

فىرانسىيەدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلار پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېممانۇئېل ماكروننى تەبرىكلىدى.

727912
فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار يېڭى پىرېزىدېنتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئانوئۇئار كبىبېچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسلام كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېممانۇئېل ماكروننىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىىنى تەربىكلەيمىز، ماكروننىڭ سايلىنىشى فىرانسىيەگە قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان پارلاق ئىستىقبال سۇنىدۇ» دېدى.

پارىژ جامەسىنىڭ مەسئۇلى دەلىل بوئەبۇبەكىرمۇ جامەنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ماكراوونى تەبرىكلىدى. سايلام نەتىجىسىنىڭ بارلىق دىنلارنىڭ مەنسۇپلىرى بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى تېگىشلىك جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بوئەبۇبەكىر، ماكروننىڭ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

لىيون جامەسىنىڭ مەسئۇلى كامال كابتانەمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ماكروننى تەبرىكلىدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى، ھەمدە پىرېزىدېنتنىڭ دىنى ۋە مىللىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئامار لاسفار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ماكروننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئاممىۋى، تىنچلىق، قېرىنداشلىق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك قىممەتلىرىنى پاراۋانلىق ئاساسىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدىغان بىر پىرېزىدېنت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر