مېركېل گېرمانىيەنىڭ قوش پۇقرالىق تۈزۈمى توغرىسىدا توختالدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە قوش پۇقرالىق بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

722964
مېركېل گېرمانىيەنىڭ قوش پۇقرالىق تۈزۈمى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئومۇمىي سايلام تەشۋىقاتى جەريانىدا خەلق مۇھىم، دەپ قارايدىغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، پۇقرالىق مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا، «قوش پاسپورتقا ئىگە بىر تۈرك، پەقەت گېرمانىيە پۇقراسىلا بولغان بىر تۈرككە ئوخشاشلا گېرمانىيەگە سادىق بولالايدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، قايسى ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە، ئاساسىي قانۇنىمىزغا ۋە قىممەت – قاراشلىرىمىزغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تېز قايىل قىلالىشىمىزغا باغلىقتۇر» دېدى.

تۈركىيەدە 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، گېرمانىيەدە قوش پۇقرالىق مەسىلىسى بەس – مۇنازىرە قوزغىغان، بەزى سىياسەتچىلەر بۇ تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر