ترامپ، ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋاشىنگتون - موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختالدى.

712348
ترامپ، ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇپ، ئىشلارنىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «مۇۋاپىق ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ھەممە سوغۇققانلىقىنى ئىشقا سالىدۇ، ئۈزۈل - كېسىل تىنچلىق ئورنىتىلىدۇ» دېدى.

ترامپ ئالدىنقى كۈندىكى باياناتىدا، ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان؛ كىرېمىل تەرەپمۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە پىرېزىدېنت پۇتىنمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمغا قارشى دەمەشق ھاكىمىيىتىنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون - موسكۋا ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك ئۇلغىيىپ كەتكەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر