قىبرىس سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېسپېن بارت ئېيدې قىبرىس سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

709998
قىبرىس سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ئاي بۇرۇن توختىتىپ قويۇلغان قىبرىس سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا .

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر باشلىقى مۇستافا ئاكىنجى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېسپېن بارت ئېيدېنى قوبۇل قىلدى.

بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن ئېسپېن بارت ئېيدې مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

توختىتىپ قويۇلغان سۆھبەتلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئېسپېن بارت ئېيدې، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى، ناۋادا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولمىغان مەسىلىلەر چىقىپ قالسا، شۇنىڭغىلا مەركەزلىشىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

«نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدۇق، ئىشەنچ سۇسلاپ كەتتى»دېگەن ئېسپېن بارت ئېيدې، ئىشەنچىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا رەھبەرلەرنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزى ۋە ب د  ت نىڭ بۇ ئىشقا سوتچىلىق قىلغۇسى يوقلىقىنى ئېيتقان  ئېسپېن بارت ئېيدې يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش بىزنىڭ سوتچىلىق قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، قىبرىس رەھبەرلىرىنىڭ باشچىلىقىدا قىبرىسلىقلار تەرىپىدىن ھەل قىلىنسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.»


خەتكۈچ: #قىبرىس , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر