مېركېل بىلەن ترامپ سۈرىيە ۋە كورېيە توغرىسىدا سۆزلەشتى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
![مېركېل بىلەن ترامپ سۈرىيە ۋە كورېيە توغرىسىدا سۆزلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/386e/6ac9/0265/58ec997967663.jpg?time=1718889157)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرت بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مېركېل تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئىنكاسىغا مۇۋاپىق، دەپ باھا بەرگەنلىكىنى، بىراق، سىياسىي مۇساپىنىڭ ب د ت رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن، بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.
باياناتتا يەنە، سۈرىيەدە سىياسىي مۇساپىگە قەدەم بېسىش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىىنغان ھالدا، نىشاننىڭ ئەسەدسىز تىنچ ۋە مۇقىم بىر سۈرىيەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/0443/328f/d2a5/661124f0d7956.jpg?time=1718889157)
كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.