خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى جاۋابكارلارنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغان پۇقرالار، جاۋابكارلارنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

691145
خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى جاۋابكارلارنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبلىك پۇقرالار، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان 2016 – يىلى 4 – سېنتەبىردىن 22 – دېكابىرغىچە بولغان جەرياندا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ، ئادالەت تەلەپ قىلدى.

ھەلەبلىك خىمىيەلىك قورال قۇربانى ئوسمان ئەلخىدر (34 ياش)، «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت نىڭ ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 6 يىلدىن بۇيان سادىر قىلغان قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىشىنى ۋە ئەسەدنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

«ب د ت  ئەسەدنى سوتلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشىگە كۆز يۇمدى. ئەسەدمۇ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇردى» دېگەن 24 ياشلىق ئەبۇ جۇدمۇ، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىدا مەزكۇر قوراللارنى ئۇدا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي ھەلەبلىك ژۇرنالىست فىراس بەدەۋى (37 ياش) بولسا، 2016 – يىلى 28 – نويابىردا ھەلەبنىڭ ئەلقاتىرجى مەھەللىسىدە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلەر، 2016 – يىلى 4 – سېنتەبىردە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغانىدى.

2016 – يىلى 15 – دېكابىردىن 22 – دېكابىرغىچە بولغان جەرياندا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا ئون مىڭلارچە پۇقرا بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر شەرقىي ھەلەبتىن تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر