خىتايدا كۆمۈر كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كۆمۈر كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ 17 ئىشچى قاپسىلىپ قالدى.
688676
![خىتايدا كۆمۈر كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/35e7/1a71/7d60/58c251ea1ef40.jpg?time=1719124001)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ خېلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كانغا ئوت كەتكەن، ئارقىدىنلا ئېلېكتر سىملىرىغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپ، ئىشچىلار ئىشلەۋاتقان كۆمۈر كان ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئىشچىلاردىن 256 سى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 17 سى قاپسىلىپ قالغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ۋەقە جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.