ئامېرىكا ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىلىرسىن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىر يەرگە جەم بولدى.
![ئامېرىكا ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/addb/8936/dc98/58a681b79e5e2.jpg?time=1718520907)
![tillerson-lavrov1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0322/0e21/a77c/58a6824034419.jpg?time=1718520907)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىلىرسىن 20 – گ گۇرۇھى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدە رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
تىلىرسىن لاۋروۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيە سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىتتىپاقداشلىرىغا پايدىلىق بولغان تەقدىردە، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىدە موسكۋانى مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.
لاۋروۋ بولسا ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئورتاق مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718520907)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.