ئىسىرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلار سولاپ قويۇلغان تۈرمىگە بېسىپ كىردى
ئىسىرائىلىيە ئالاھىدە قىسىملىرى پەلەستىنلىك مەھبۇسلار سولاپ قويۇلغان تۈرمىدىكى بىر كامىرغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنى قىپيالىڭاچ ھالدا سوغۇقتا تۇرۇغۇزۇپ قويغان.
![ئىسىرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلار سولاپ قويۇلغان تۈرمىگە بېسىپ كىردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/48ca/7743/c655/5892e6fdc87a8.jpg?time=1718879596)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئەسىر ئىشلىرى كېڭىشى ئىسىرائىلىيە ئالاھىدە قىسمىنىڭ نەفھا تۈرمىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پەلەستىن ئەسىر ئىشلىرى كېڭىشى باياناتىدا: «ئىسىرائىلىيە ئالاھىدە قىسىملىرى نەفھا تۈرمىسىدىكى بىر كامىرغا بېسىپ كىرىپ، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى سېلىشقا مەجبۇرلىغان ۋە قىپيالىڭاچ ھالدا سىرتقا چىقىرىپ، سوغۇقتا تۇرۇغۇزۇپ قويۇلغان. مەھبۇسلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى بۇزۇپ چېچىۋېتىلگەن» دېدى.
ھاماسنىڭ ئەسىر ئىشلىرى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرراھمان شەدىد يازما باياناتىدا، نەفھا تۈرمىسىگە بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ: «بۇ، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارشى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك» دېدى.