ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: مۇسۇلمان بولۇشقا تەييارمەن
ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مادلىن ئولبرايت پىرېزىدېنت دونالد تراپقا دۇئېل ئېلان قىلىپ: « مۇسۇلمان بولۇشقا تەييارمەن» دېدى.
660087
![ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: مۇسۇلمان بولۇشقا تەييارمەن](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/859e/2b25/7c31/588ae4579d2d2.jpg?time=1718879141)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مادلىن ئولبرايت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا ساياھەت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش قارارى ئېلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات بولغان ئامېرىكا - ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى قوللىدى.
ئولبرايت باياناتىدا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشقا تەييارمەن» دېدى.