پۇتىن سۇيىقەست تۈپەيلى يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئالدىنقى كۈنى سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان باش ئەلچى ئاندرېي كارلوۋنىڭ موسكۋادىكى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ پۇتىننىڭ ئەتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ جۈمە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «پەيشەنبە كۈنى كارلوۋ ئۈچۈن ۋىدالىشىش ۋە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلقى ئۈچۈن، پىرېزىدېنت پۇتىن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.»
پۇتىن ھەر يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنئەنىۋى شەكىلدە «چوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىننىڭ ۋاقتى بىر ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغانىدى.
كارلوۋنىڭ مېيىتى تۈنۈگۈن كەچتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.