تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى سۈرىيە كىرىزىسى ئۈچۈن موسكۋاغا يىغىلدى

تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۈرىيە كىرىزىسىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن موسكۋادا ئۇچراشتى.

634569
تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى سۈرىيە كىرىزىسى ئۈچۈن موسكۋاغا يىغىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھامىي دۆلەت بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

شويگۇ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىك ۋە ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دەخكان بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مەنسەبداشلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

دەخكان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە سۆز قىلغان شويگۇ، ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرۇلۇق خىتابنامە تەييارلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان قەدەم ۋە تەدبىرلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۈنۈملۈك تەسىر پەيدا قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇب بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەر تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن شويگۇ، ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىتابنامىنىڭ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شويگۇ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ بىر فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ تەرىپلدى.

مىنىستىر شويگۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىكقا خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە موسكۋاغا ئالايىتەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

شويگۇ مۇنداق دېدى: «تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر