تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ئۈچ تەرەپ سۈرىيە يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئالدىغا تارتىلدى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 27 – دېكابىردا چاقىرىلىشى پىلانلانغان سۇرىيە ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئەتە (سەيشەنبە) گە ئېلىندى.

633447
تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ئۈچ تەرەپ سۈرىيە يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئالدىغا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى مىخائىل بوگدانوۋ، ئەتە موسكۋادا تۈرك، رۇس ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، «ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى موسكۋادا 20 – دېكابىردا چاقىرىلىدۇ. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تۈرك ۋە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى» دېدى. بوگدانوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۈچ تەرەپ ئالدىنقى پىلاندا سۇرىيە ۋە ئەتراپىدىكى مەسىلىلەر ۋە ۋەزىيەت ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى لازىم. سۈرىيەلىك تەرەپلەرنىڭ ئۈستەلنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇشى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇقىم شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، بەزى ئىنسانىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە سىياسىي چارە تېپىش دېگەندەك مەسىلىلەردە كېلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدا بىر ئاساسمۇ بار، ئۇ بولسا، ب د ت  نىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر