ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى: تۈركىيە بىلەن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

631592
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى: تۈركىيە بىلەن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاسك تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا تۈركىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر  يىغىنى چاقىرىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلار بىلەن تۈركىيە دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىش قارارى ئالدۇق. ئەمما يىغىننىڭ ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىدى. دەرۋەقە، بۇنداق يىغىنلار ۋە مۇنبەرلەردە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم. نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بەزى جەھەتلەردىن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، چاقىرىلغۇسى يىغىندا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ھاياھەت قىلىشى مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەلەمدارى بولسا يىغىننىڭ 2017 – يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر