ئاراكاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى

بىرما كىشىلىك ھوقۇق تورى، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاراكان ئۆلكىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

623959
ئاراكاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارغا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ ئىپادىلىرىگە ئاساسەن تەييارلاپ چىققان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىرما ئارمىيەسى، ئاراكان ئۆلكىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار (روھىڭيالار) نىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى چېقىۋەتكەن، باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، قىيىن – قىستاق ۋە پۇقرالارنى قەتلى قىلىشتەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلدى.

مائۇڭداۋدىكى يېقىنقى ۋەقەلەردە كەم دېگەندە 30 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، 70 مىڭ ئادەم جىددىي ئاشلىق ۋە ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

«بىرما ھۆكۈمىتى، مۇستەقىل بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ ۋەقەلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا، خەلقئارا ۋە مەھەللىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىزىس رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ رايوندىكى موھتاجلارغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىلدى.

9 - ئۆكتەبىردە ئاراكان ئۆلكىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 13 خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 29 ئادەم ئۆلگەن، ھۇجۇملاردىن كېيىن رايونغا ئەۋەتىلگەن كۆپ ساندا ئەسكەر ۋە ساقچى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانىدى.

روھىڭيا ھەمكارلىق گۇرۇپپىلىرى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان ئۆلكە مىقياسىدا 400 ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتسە، بىرما ھۆكۈمىتى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 86 ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرى جايلاشقان مائۇڭداۋ ۋە ياتخاي تائۇڭ بازارلىرىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ب د ت  تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلق، دەپ تەرىپلەنگەن ئاراكان مۇسۇلمانلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

ئاراكان ئۆلكىسىدە 2012 – يىلى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، كۆپ سانلىقى مۇسۇلمانلار بولۇپ نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە ئۆي – ماكان ۋە ئىش ئورنىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن، مىڭلارچە روھىڭيا رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر