گىرېتسىيەدە مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوت كەتتى
گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا جايلاشقان مورىئا مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئارالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا نائېنىق سەۋەب بىلەن پارتلاش يۈز بەرگەن. ئارقىدىنلا لاگېرغا ئوت كەتكەن.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە 1 ئايال بىلەن 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1 ئايال ۋە 1 بالا يارىلانغان. بالنېسقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
گاز پارتلاش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.