ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ دائېش ئەندىشىسىنى چۈشىنىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، «تۈركىيەنىڭ دائېشقا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغان» لىقىنى بىلدۈردى.

616046
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ دائېش ئەندىشىسىنى چۈشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كۇك، «تۈركىيەنىڭ دائېش تەھدىتىدىن ھېس قىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى يوللۇقتۇر ۋە بىزمۇ تۈركىيە بىلەن بۇ جەھەتتە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېدى.

پېتېر كۇك پېنتاگوندىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇنبىچنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى توغرىسىدا توختالدى؛ ۋاشىنگتوننىڭ، تۈركىيەنىڭ دائېشقا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتى ي پ گ توغرىسىدا ئەنقەرە بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كۇك، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، «رايوندا بەزى سۈركىلىشلەر بار ۋە (بىز) بۇلارنى چۈشىنىمىز. تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئەندىشىلەرنىمۇ چۈشىنىمىز» دېدى.

كۇك، «نۆۋەتتە مۇنبىچتا ي پ گ ئۇنسۇرلىرى بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ي پ گ نىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى فىراتنىڭ شەرقىگە بۇرۇن ئۆتكەنىدى. نۆۋەتتە مۇنبىچتا رايوننى دائېش خەۋپىدىن قوغداۋاتقان مەھەللىي كۈچلەر بار» دېدى. «مەھەللىي كۈچلەر» نىڭ ئىچىدە ي پ گ ئەزالىرىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا، «مۇنبىچتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكىنى %100 ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتچى پېتىر كۇك، تۈركىيەنىڭ دائېش خەۋپىگە قارشى تاشلىغان قەدەملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ دائېش تەھدىتىدىن ھېس قىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى يوللۇقتۇر ۋە بىزمۇ تۈركىيە بىلەن بۇ جەھەتتە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېدى.

ي پ گ، ۋاشىنگتون قوللاۋاتقان سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا دائېشنىڭ 17 نۇقتىسى بىلەن پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى پاناھلىنىۋاتقان يىلانلىق ۋە كۇرتۋىران رايونلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر