ب د ت سۈرىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ قورشاۋا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى سىتىۋېن ئوبىرايىن سۈرىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋتقانلىقىنى بىلدۈردى.

615173
ب د ت سۈرىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ قورشاۋا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
Samantha Power.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى كوردىناتورى سىتىۋېن ئوبىرايىن سۈرىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە كىرىزىسى توغۇرلۇق كېڭەش ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە چاقىرغان يىغىندا سۆز قىلغان سىتىۋېن ئوبىرايىن،نۆۋەتتە سۈرىيەدە قورشاۋا ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كىشى سانىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سىتىۋېن ئوبىرايىن سۈرىيەدە پۇقرالارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، سۈرىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى قورشاۋنى بۇرانراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئەلچىسى سېمېنتا پاۋۇر پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەر ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىملىكلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

سۈرىيەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن پاۋۇر، نۆۋەتتە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغاندەك بۇ خىلدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدە 6يىلدىن بۇيان داۋملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، مىليونلارچە كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر