چادتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ئوتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

613595
چادتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چادتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت بارلىق مەكتەپلەرنى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەسەن ياۋۇز چاد ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە دۆلەتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت بارلىق مەكتەپلەرنى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2016 – يىلى 28 – ئىيۇن كۈنى چىقىرىلغان قانۇن – بەلگىلىمىگە ئاساسەن قۇرۇلغان تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى تۈركىيە سىرتىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، مائارىپ خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بالىلار يەسلىسىدىن ئالىي مەكتەپ مائارىپىغىچە بولغان جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرمەكتە ھەمدە خاتىرجەم ئوقۇيالىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتا ياتاق مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر