ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 9 يېزىنى ئالدى

ئىراق كۈچلىرى، مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 9 يېزىنى قولغا كىرگۈزدى.

606915
ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 9 يېزىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ زاپ دەرياسىنىڭ شىمالىدىن دىجلە دەرياسىغىچە سۇزۇلغان رايونغا جايلاشقان 9 يېزىنىڭ كونتروللۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە قورال – ياراغلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ھالدا، قولغا كىرگۈزۈلگەن جايلاردا تېررورچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ۋە ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بەزى تونېللارنىڭ تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىڭبېشى جەببار ھەسەنمۇ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى شەللالات رايونىدا تەشكىلات تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ئەڭ چوڭ تونېللاردىن بىرىنى بايقىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇ يەردىكى قوراللارنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تانكىئاتار ئامبارلىرى، زەمبىرەك ئوقلىرى، قوراللار ۋە ھەر خىل ئوق – دورىلار يوشۇرۇپ قويۇلغان تونېلنىڭ كەڭلىكىنىڭ 3 مېتىر، ئۇزۇنلۇقىنىڭ 200 مېتىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلىگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرىدىن تەشكىل تاپقان كۈچلەر، 17- ئۆكتەبىردە مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر