پاكىستاندىكى زور كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبانمۇ دائېشمۇ ئۈستىگە ئالدى

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇئېتتا شەھىرىدىكى بىر ساقچى مەكتىپى ناھايىتى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

596593
پاكىستاندىكى زور كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبانمۇ دائېشمۇ ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇئېتتا شەھىرىدىكى بىر ساقچى مەكتىپى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 60 ساقچى نامزاتى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 117 ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ۋە تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۈستىگە ئالدى.

ئالاقىدار خادىملار، بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان ئۈچ كىشىلىك تېررورچى گۇرۇپپىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىپ تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كۇئېتتا شەھىرىدە خەلقنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى، دوختۇرخانىلار جىددىي ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەندە مەزكۇر ساقچى مەكتىپىدە 700 كىشى بار ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى؛ باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كۇئېتتادىكى ساقچى تەلىم – تەربىيە مەركىزىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىيىن كۈنلەردە پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر