ئامېرىكا ھىزبۇللاھ قوماندانىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھىزبۇللاھ قوماندانلىرىدىن ھەيسەم ئەلى تاباتاباينى خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

594054
ئامېرىكا ھىزبۇللاھ قوماندانىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە، دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ۋە ئىقتىسادىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن،  ئەبۇ ئەلى تاباتاباي دەپمۇ بىلىنىدىغان شەخسنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن  تاباتاباينىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭمۇ بۇ شەخس بىلەن ئېلىم – سېتىم قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىزبۇللاھنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولغان  لىۋانلىق تاباتاباي نۆۋەتتە يەمەندە ياشايدىغان بولۇپ،  ئۆز ۋاقتىدا ئۇ سۈرىيە ۋە يەمەندە ھىزبۇللاھنىڭ تەلىم – تەربىيە، نەرسە – كېرەك ۋە خادىم يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، تاباتاباينىڭ سىرتىدا يەنە، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن 4 كىشى بىلەن بىر شىركەتمۇ ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرىنى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ شەخسلەر بىلەن شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلدى ھەمدە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئېلىم – سېتىم قىلىشى مەنئىي قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر