«زايتۇنا» ناملىق كېمە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلىماقچى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن يولغا چىققان «زايتۇنا» ناملىق كېمىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «زايتۇنا» ناملىق كېمە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق خەلق ھەرىكىتى «ئەركىنلىك پاراخوتى كارۋانلىرى بىرلەشمىسى» تەرىپىدىن يولغا چىققان كېمىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنى ئىتالىيەنىڭ مېسسىنا شەھىرىدىن يولغا چىققان «زايتۇنا»ناملىق كىمىنىڭ سەپىرىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ۋە مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە غەززە پورتىغا يېتىپ بېرىشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.