كەشمىردە ئېتىشىش يۈز بەردى

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يىللاردىن بۇيان مەسىلىسى ھەل قىلىنالماي كەلگەن كەشمىردە ۋەزىيەت جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

579912
كەشمىردە ئېتىشىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 18 ئەسكەر ئۆلگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (29-سېنتەبىر) مۇ ئۆزئارا ئېتىشىشلار يۈز بېرىپ، پاكىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا چېگرا تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتكەن بىر ھىندىستانلىق ئەسكەر قولغا ئېلىندى. ھەر ئىككى تەرەپ ئېتىشىشلار سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

كەشمىردىكى ۋەزىيەت جىددىيچىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئەكس ئەتتى. پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ: «پاكستان، ھىندىستان تەرەپتىن پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇملارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى. ئۇ پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ مىللىي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايىسنىڭ ھىندىستانلىق مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايىسنىڭ پاكىستانلىق رەھبەرلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىردە، پات-پات ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ۋەقەلەر 60 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ھەر ئىككى دۆلەت پۈتۈن كەشمىردە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بولسا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان يادرو قورالىغا ئىگە بولغانلىقتىن مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر