ئىران: ئامېرىكىنىڭ دائېشنى قوللايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئەسەد بازىسىنى بومباردىمان قىلىشىنىڭ دائېشنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
![ئىران: ئامېرىكىنىڭ دائېشنى قوللايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/eb33/7fe1/3453/57af2d1c51c48.jpg?time=1718892257)
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ دەير-ئەز زور شەھىرىدە سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي بازىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھۇجۇم ئامېرىكىنىڭ دائېشنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»
باياناتتا ئامېرىكا ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھەق ھوقۇقلىرىغا زىت قىلمىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بۇ ھۇجۇمنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى خەلقئارالىق قانۇن ۋە مەسئۇلىيەتلەرگە تامامەن زىتتۇر.»
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشكە زىيان كەلتۈرۈشتىن سىرت، ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىنىمۇ خەتەرگە ئىتتىرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ.»