گابرىئېل: تۈرك خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

تۈركىيە خەلقىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى توسۇپ قېلىشى بىلەن دېموكراتىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

566372
گابرىئېل: تۈرك خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە سەھىيە مىنىستىرى گابرىئېل ۋىكىسترۆم، 15 – ئىيۇلدا تۈركىيە خەلقىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى توسۇپ قېلىشى بىلەن دېموكراتىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دېموكراتىيە ئاساسىغا ئورنىتىلغان تۈزۈملەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋىكسترۆم، «بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان ئىشسىزلىق، مۇھىت مەسىلىلىرى، سەھىيە، ئىقتىساد، ھەق – ھوقۇق، باراۋەرلىك دېگەندەك ناھايىتى كۆپ مەسىلىگە ئوخشاش دېموكراتىيەگە قىلىنغان ئاسىيلىقمۇ مۇھىم بىر مەسىلە تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.

تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش دېموكراتىيەگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋىكسترۆم، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر دۆلەتتە كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، دۆلەتلەرنىڭ باشقا مەسىلىلەرنى بەس – مۇنازىرە قىلغاندەك بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر