يىلدىرىم: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيدۇ

باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

564138
يىلدىرىم: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتس بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ھايات – ماماتلىق، بىخەتەرلىك مەسىلىمىزدۇر.  شۇڭا بۇ مەسىلىگە ئەسلا سەل قارىيالمايمىز.»

تۈركىيەنىڭ ئىسمى قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر پ ك ك، پ ي د، دائېش، ي پ گ ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى كۈرەشنىڭ پەقەت تۈركىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىكلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتس تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپادا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە تۈركىيەگە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر