پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىمالىي كورېيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

2154102
پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پىيوڭيانغا يېتىپ بارغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئايرودۇرۇمدا قارشى ئالدى.

سۆھبەتلەر دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا غەرب كونترول قىلالمايدىغان ئۆزگىچە سودا مېخانىزمىنىڭ  ئورنىتىلىشى ۋە كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.

پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىگە «ئىجابىي» باھا بەرگەن خىتاي، رۇسىيە-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جەنۇبىي كورېيەگە يەتكۈزدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا، رۇسىيە – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتىدىن بىئارام بولدى؛ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە –شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر