زەرىف: ئىران - كۇبا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف كۇبادا بايانات بېرىپ، ئىران – كۇبا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

557308
زەرىف: ئىران - كۇبا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبادىكى  كۆپ ساندا ئىرانلىق ھەيئەت ئىشتىراك قىلغان ئۇچرىشىشلار جەريانىدا ئۆزئارا سېلىنما ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

كۇبا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن زەرىف، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف كۇبا پىرېزىدېنتى رائۇل كاسترو تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، كۇبادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن نىكاراگۇا، ئېكۋاتور، چىلى، بولىۋېيە ۋە ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر