پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى تېلېۋزىيە ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى

ھۇجۇمغا ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان پارتىيە رەھبىرى ئەلتاف ھۇسەيينىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

557256
پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى تېلېۋزىيە ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، بەزى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىغا مېدىيادا يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلىك بىر قانالنىڭ كارچىدىكى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. 

نامايىشچىلار ئەتراپقا ئوت قويۇپ بېرىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئايتومۇبىللىرىنى ئۇرۇپ - چاقتى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوق بىلەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلدى.

ھۇجۇمغا ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان پارتىيە رەھبىرى ئەلتاف ھۇسەيينىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆكتىچى پارتىيەدىن بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار بىلەن قوشۇلۇپ 12 كىشى قولغا ئېلىندى.

مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پارتىيەسى كاراچى ۋە ھەيدەرئاباد شەھىرىدە تەسىرى كۈچلۈك پارتىيە ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر