ترامپ ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

552604
ترامپ ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت باراك ئوباما دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئستراتېگىيەسىنى تەنقىد قىلغان ترامپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق، ئىران، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە مىسىر سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالدى ۋە ئامېرىكىنىڭ «مىللىي دۆلەت تەسىس قىلىش» ۋە «ئوتتۇرا شەرققە دېموكراتىيەنى كېڭەيتىش» دېگەندەك ئىشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوباما ۋە دېموكرات پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتوننى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا رولى ئويناش بىلەن ئەيىبلىگەن جۇمھۇرىيەتچى نامزات، «ئوباما – كلىنتون تاشقى سىياسىتى ئوتتۇرا شەرقنى مۇقىمسىزلاشتۇردى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

ئۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرىغان دونالد ترامپ، ئامېرىكىغا كۆچۈش ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى تەكشۈرۈش» تىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر