ئامېرىكا مۈنبىچ شەھىرى قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ شەھىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى «مۇنبىچنىڭ تارىخ بويىچە ئەرەب شەھىرى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتىن تولۇق خەۋەرەدارمىز. ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق بولۇشىنى كۈتىمىز» دېدى.

551051
ئامېرىكا مۈنبىچ شەھىرى قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ شەھىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۈنبىچ شەھىرىگە ئالاقىدار تۈركىيەنىڭ سەزگۈرلىكىنى قەتئىي تۈردە توغرا چۈشۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوردون تىروۋبىرج ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۈنبىچ شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن سۈرىيە ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ قەتئىي تۈردە ئەرەبلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشىدە، يالغۇز بۇ ھەرىكەتنىڭ تاماملىنىشىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، شەھەر ئېلىنغاندىن كېيىن پۇقرالارنىڭ قايتىپ كېلىشى، ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى قاتارلىق تېمىلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركلەرنىڭ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تارىخىي سەرگۈرلىكىنى ياخشى چۈشىنىمىز ۋە ئەندىشىلىرىنىمۇ بىلىمىز. مۇنبىچنىڭ تارىخ بويىچە ئەرەب شەھىرى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتىن تولۇق خەۋەردارمىز. شۇڭا ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق بولۇشىنى كۈتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا شەھەر قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ بۇ يەردە قالمايدىغانلىقىغا دائىر تۈركىيەگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر