دائېش رەھبىرى باغدادىنىڭ ياردەمچىسى ئۆلدى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش لىدېرى ئەبۇ بەكرى ئەلباغدادىنىڭ بىر ياردەمچىسى ئۆلتۈرۈلدى.

541270
دائېش رەھبىرى باغدادىنىڭ ياردەمچىسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىراق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەلقائىم رايونىدىكى بىر بىنادا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىنانى بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇمدا باغدادىنىڭ ياردەمچىسىدىن سىرت يەنە، ئونلارچە دائېشچى ئۆلگەن. ھۇجۇمدا يەنە، دائېش يىغىن ئېچىۋاتقان بىنانىڭ قورال - ياراغ ئىسكىلاتى، 3 ئاپتوموبىل ۋە بومبا قاچىلانغان ئىككى ئاپتوموبىل تامامەن ۋەيران بولغان.

خەۋەردە، باغدادىنىڭ ياردەمچىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر