«ئۇ» تەشكىلات فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە يىغىن چاقىرغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

539628
«ئۇ» تەشكىلات فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەشكىلاتنىڭ 43 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان 57 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن 56 سى بۇ ھەقتە ئېلىنغان قارارنى قوللاپ ئاۋاز بەردى، مىسىر ۋەكىلى بولسا، «كۆپ سانلىق مىنىستىرلار تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارغا ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە قاھىرە بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دەپ قارارنامىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

مىسىر ئىلگىرىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەپ باياننامە ئېلان قىلغاندا، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر