دائېش تۈركىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى
گازىئانتەپنىڭ قارقامىش ناھىيەسىدە سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
![دائېش تۈركىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/213b/6c83/ac5b/57998f0d5b80c.jpg?time=1718501339)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دائېشنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئېلىپ بارغۇسى ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قارقامىش ناھىيەسىنىڭ قىۋىرجىق مەھەللىسى ئەتراپىدا چېگرانىڭ سۈرىيە تەرىپىدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر گۇرۇپپىنى بايقاپ قالغان، بۇ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ دائېش ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى توختاش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان ، ئەمما ئۇلار چېگراغا يېقىن دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەلەبنىڭ جەرابلۇس ناھىيەسى ئەتراپىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغان، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ تاقابىل تۇرۇشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. تەخمىنەن 30 مىنۇت داۋاملاشقان توقۇنۇش سەۋەبىدىن چېگرا لىنىيەسىدىكى چارلاش پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پۇقرالارنى چېگرىغا يېقىن يەرلەردە تۇرماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718501339)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.