شىۋېتسىيە: تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترۆم، ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
531995
![شىۋېتسىيە: تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6b09/b018/54da/578cd6f36163b.jpg?time=1718874009)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترۆم، ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى – SVT نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋالسترۆم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، «ھەربىي كۈچ ۋە زوراۋانلىقنىڭ تاللاش يولى ئەمەسلىكى» نى ئېيتتى.