ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىردى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 5 ئادەم يارىلاندى، 10 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

518600
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 190 نەپەر ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ قورال كۈچى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كېرىپ، بەزى كىشىلەرنى ئۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ساقچىلارنىڭ ئىككى سائەتكە يېقىن ئىتىۋالغان مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقانلىقى، لېكىن مەسجىدنىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ كەتمىگەنلىكى، كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇسنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان 1967 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر