ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى رۇسىيە كىرىزىسى ئېغىرلاشتى

2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى رۇسىيە كىرىزىسى زورىيىشقا باشلىدى.

512076
ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى رۇسىيە كىرىزىسى ئېغىرلاشتى
abd, fransa endişe.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن فىرانسىيەگە بارغان رۇس پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ لىللې شەھىرىگە بارغان رۇس پۇتبول مەستانىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى ۋە بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلىرىغا مەلۇمات بەرمەسلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئۇچرىشىشتا يەنە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان رۇسىيە پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ بالدۇرراق تاماملىنىشى تەلەپ قىلىندى ۋە مۇسابىقە دائىرىسىدە رۇسىيەگە قارشى پوزىتسىيە شەكىللەندۈرۈلۈشىنىڭ رۇسىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا فىرانسىيەلىك مەنسەپدېشى ئايراۋلتقا ئۇچۇر يوللاپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى.

فىرانسىيەلىك ئەمەلدارلار، ھەپتە ئاخىرىدا مارسىلىيا ۋە نايس كوچىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، رۇس ھەۋەسكارلار ئۈچۈن مەخسۇس ئالدىنى ئېلىپ تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بايانات بېرىشكەنىدى. باش مىنىستىر مانۇئېل ۋاللس، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ فىرانسىيە زېمىنلىرىدا تۇرۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى.

فىرانسىيە ساقچىلىرى، مارسىلىياغا يېقىن جايدا رۇس مەستانىلەرنىڭ ئاپتوبوسىنى توختىتىپ، 6 نەپەر رۇس پوتبول مەستانىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىدە نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.

شەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن جېدەلدە كۆپ سانلىقى ئەنگلىيەلىك بولۇپ تۆتىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر جەمئىي 35 ئادەم يارىلانغان ۋە مارسىلىيادا جېدەلگە ئارىلاشقان 10 كىشىگە 2 ئاي بىلەن 1 يىل ئارىلىقىدا قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر