رۇسىيە ئايروپىلانلىرى دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى 15 كۈندىن بۇيان ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ بازارلىرى، دوختۇرخانىلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىنىش مەركەزلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

512350
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا بىر دوختۇرخانا ۋە دورا زاۋۇتىنى بومباردىمان قىلدى.

رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كەچتە ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئانادان ناھىيەسىدە بىر دوختۇرخانىغا فوسفور بومبا بىلەن، كەفىر ھەمرا رايونىدىكى ئاسىيا دورا زاۋۇتىغا بولسا، ۋاكۇئۇم بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا دوختۇرخانا بىلەن دورا زاۋۇتى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى 15 كۈندىن بۇيان ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ بازارلىرى، دوختۇرخانىلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىنىش مەركەزلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر