ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى مۇساپىر بالىلارنى ھاقارەتلىدى

فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2016 ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئەسناسىدا ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى مۇساپىر بالىلارنى ھاقارەتلەپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

511417
ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى مۇساپىر بالىلارنى ھاقارەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدا رۇسلار بىلەن جېدەل چىقىرىپ ئەنگلىيە كوچىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئەنگلىيەلىك ئاشقۇن پۇتبول مەستانىلىرى بۇ قېتىم باشقىچە بىر سەتچىلىك سادىر قىلىشتى.

مارتتا ئاتلېتكو مادرىد پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينالغان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى  ئېيىندھوۋېن پۇتبول كوماندىسى مەستانىلىرى پىلازا دې مايور مەيدانىدا بەزىبىر قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

بۇ قېتىم فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2016 ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئەسناسىدا ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى فىرانسىيە كوچىلىرىدا كىشىنى ئېچىندۈرىدىغان بىر ۋەقە سادىر قىلىشتى.  

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئولاردا ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى مۇساپىرلار بالىلارغا پۇل چاچىدۇ. ئارقىدىن مۇساپىر بالىلارنىڭ پۇللارنى تىرىۋېلىش ئۈچۈن بىر-بىرلىرىنى ئىتتىرىشلىرىغا قاراپ كۈلىشىدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا گوللاندىيەلىكلەرگە ئوخشاش مۇسابىقىدىن بۇرۇن توپ كۆرۈشتىن چەكلەش جازاسىنىڭ بېرىلىپ بېرىلمەيدىغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر