گۇاڭدۇڭدا كران قازاسى يۈز بەردى
خىتاينىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا چوڭ ھەجىملىك بىر كران ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا چوڭ ھەجىملىك بىر كران تەييار ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 18 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئالاقىدار تارماقلار، تۈنۈگۈن دوڭگۈەن شەھىرىدە 80 توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ ھەجىملىك بىر كراننىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئىشىچلار يېتىپ – قوپىدىغان تەييار ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 18 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى، 18 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، 4 كىشىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئەترەتنىڭ باياناتچىسى لۇا بىن، قازا يۈز بەرگەن ئەسنادا تەييار ئۆيدە 139 كىشىنىڭ بارلىقىنى، كۆپ سانلىقنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.